ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2022 – يىلىغىچە ئۇزارتىلدى.

1172732
ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2022 – يىلى 30 – سېنتەبىرگىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

ناتو يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىتتىپاقداشلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق يېنس ستولتېنبېرگنىڭ 2020 – يىلى 30 – سېنتەبىردە ئاخىرلىشىدىغان ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2022 – يىلىغىچە ئۇزاراتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن يېنس ستولتېنبېرگ، ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىش ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز ئەڭ ئېغىر خەۋپسىزلىك سىناقلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇ مەزگىلدە ناتونى زامانىۋىلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىرلىكتە قىلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمەن» دېدى.

ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلغان يېنس ستولتېنبېرگ، 2014 – يىلى 1 – ئۆكتەبىردە ئاندېرس فوگ راسمۇسسېندىن بۇ ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋالغانىدى. ناتو ئىتتىپاقداشلىرى، 2017 – يىلى ناتونىڭ نورۋېگىيەلىك تۇنجى باش كاتىپى بولغان ستولتېنبېرگنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلغانىدى.

ناتونىڭ 13 – نۆۋەتلىك باش كاتىپى بولغان يېنس ستولتېنبېرگ، 2000 – 2001 ۋە 2005 بىلەن 2013 – يىللىرىدا دۆلىتى نورۋېگىيەدە باش مىنسىتىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر