موگېرىنى كابۇلدا ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشتى.

1171830
موگېرىنى كابۇلدا ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەشرەف غېنى بىلەن فېدېرىكا موگېرىنى كابۇلدىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

موگېرىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاندا ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق ئورنىتىلىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلەندۈرۈلۈشى يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتە سەزگۈر بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن موگېرىنى، ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئەستايىدىل خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئافغانلار ئۆز كېلەچەكلىرىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا ھەمدەم بولۇشى كېرەك» دېدى.

ئافغانىستاننىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن موگېرىنى، تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن، كەڭ دائىرىلىك بىر ھەيئەت تەشكىللەشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنىمۇ، نۆۋەتتە دۆلىتىدە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كاتتا پۇرسەتلەرنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇرۇش ۋە تەھدىت دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن غېنى، ھەرقانداق مەسىلىنى مۇزاكىرە يولى ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىرېزىدېنت غېنى، ئافغانىستاندا 40 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن ھەممە بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر