ئامېرىكالىق بەزى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى رۇسىيە دېلوسى توغرۇلۇق بايانات بەردى

ئامېرىكالىق بەزى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى دونالد ترامپقا قارشى ئىسپات تېپىلغان تەقدىردە، كونكرېت قەدەم تاشلىيالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

1169815
ئامېرىكالىق بەزى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى رۇسىيە دېلوسى توغرۇلۇق بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكالىق بەزى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى  ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رۇسىيە دېلوسىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا قارشى ئىسپات تېپىلغان تەقدىردە، كونكرېت قەدەم تاشلىيالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

« ABC »تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتى باشلىقى ۋە كالىفورنىيە ئىشتاتى ۋەكىلى ئادەم سچىف، ئالاھىدە ھوقۇقلۇق تەپتىش روبېرت مۇئېللېر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رۇسىيە دېلوسىدىن پات يېقىندا نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

روبېرت مۇئېللېرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالدا ھەر قانداق بىر شەخس ئۈستىدە قارار چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى دېگەنلىكىنى ئېيتقان سچىف، بۇ ئەھۋالنىڭ دېلونىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن مۇھىم ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

سچىف تەپتىش مۇئېللېرنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ توغرۇلۇق ھازىرچە ئەيىبنامە تەييارلاش ئېھتىمالىنىڭمۇ يوق بولغانلىقىنى دېگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ: ناۋادا پىرېزىدېنت ترامپقا دائىر ئىسپات تېپىلغان تەقدىردە، دۆلەت مەجلىسى تېگىشلىك قەدەمنى تاشلايدۇ، دېدى.

ۋەكىل سچىفنىڭ بۇ سۆزلىرى دۆلەت مەجلىسىنىڭ دونالد ترامپنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن قەدەم تاشلىيالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئاۋام پالاتاسى ئەدلىيە كومىتېتى باشلىقى ۋە نىيۇيورك ۋەكىلى جېررود نەدلېر، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەپتىش مۇئېللېرنىڭ دوكلاتىنى دۆلەت مەجلىسى بىلەن ئورتاقلاشماسلىقىنى تەنقىد قىلدى.

«  Fox -خەۋەر»قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جېررود نەدلېر ، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەپتىش مۇئېللېرنىڭ دوكلاتىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىشىنىڭ، رۇسىيە دېلوسىنىڭ بالدۇراق ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

نەدلېر پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سوتلىنالماسلىقىنىڭ دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: دۆلەت مەجلىسى قولىدا ئىسپات بولسا ئاندىن ھەرىكەتكە ئۆتەلەيدۇ، دېدى.

ئەدلىيە مىنسىتىرلىقى تەپتىش مۇئېللېرنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى دۆلەت مەجلىسى بىلەن ئورتاقلاشمىغان ئەھۋالدا، ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭمۇ دۆلەت مەجلىسىدە سوراققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان نەدلېر مۇنداق دېدى: «خۇددىي ھەممە ئادەمگە ئوخشاش پىرېزىدېنتمۇ قانۇن دائىرىسىدە ئەمەس.»

ئالاھىدە ھوقۇقلۇق تەپتىش مۇئېللېر، دونالد ترامپ ئۇتۇپ چىققان 2016-يىلدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا رۇسىيەنىڭ ئارىلىشىپ ئارىلاشمىغانلىقى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، تەكشۈرۈش دوكلاتىنى مۇشۇ شەنبە كۈنى ئەدلىيە مىنىستىرى ۋىليام باررىغا تاپشۇرغانىدى.

ئەدلىيە مىنىستىرى ۋىليام باررى ئامېرىكا ئالىي پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەدلىيە كومىتېتلىرىغا خەت ئەۋەتىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر