«تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا بەلگىلىمىسى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇلىدۇ»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا بەلگىلىمىسىنىڭ تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1170085
«تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا بەلگىلىمىسى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەگە پاسپورت بىلەن ئەمەس كىملىك بىلەنلا كېلەلىشى ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتالىيادىكى قەلئەئىچى سائەت مۇنارىنىڭ يېنىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا بەلگىلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: ئېلېكترونلۇق ۋىزا بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇشقا باشلىدۇق، قەھۋەخانىدا ئولتۇرغان ياكى تېلېۋۇزۇر كۆرۈۋاتقان چېغىڭىزدا قولىڭىزدىكى يانفون، يېنىڭىزدىكى كومپىيۇتېر ياكى تابلېتلار بىلەن 3 مىنۇت ئىچىدىلا ئېلېكترونلۇق ۋىزا ئالالايسىز. بەزى دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ بەزى شەرتلەرنى بىكار قىلىشقا باشلىدۇق، مەسىلەن، خىتاي. ھىندىستان ئۈچۈنمۇ خىزمەت ئىشلىنىۋاتىدۇ، ھىندىستاندا 14 ۋىزا ئىشخانىسى تەسىس قىلدۇق، تۈركىيەگە كېلىشنى ئارزۇ قىلغان ھىندىستانلىقلارغا ئاسانلا ۋىزا بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمىز، دېدى.

تۈركىيە بىلەن بەزى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا پاسپورتسىز ساياھەت بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ گىرۇزىيە، ئۇكرائىنا ۋە مولدوۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە پاسپورتسىز بارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەگە پاسپورت بىلەن ئەمەس كىملىك بىلەنلا كىرەلىشى ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ: 28-مارتتا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى سېرگېي لاۋروۋ ئانتالياغا كېلىدۇ، بىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەپسىلىي مۇزاكىرە ئۆتكۈزىمىز، 8-ئاپرېلدىمۇ موسكۋاغا بېرىپ ھەم يۇقىرى سەۋىيەلىك ئستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى چاقىرىمىز ھەمدە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلىنىڭ ئېچىلىشىنى ئۆتكۈزىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى تونۇلۇشى ۋە مەملىكىتىمىزگە تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى كېلىشى ئۈچۈندۇر، دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەگە سەھىيە ياكى باشقا مەقسەت بىلەن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بولۇپمۇ ھاۋاسى سوغۇق دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەدە تېخىمۇ ئۇزۇن تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەدە تۇرۇش مۇددىتىنىڭ بەزى دۆلەت پۇقرالىرى ئۈچۈن 30 كۈن ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇددەتنىڭ 90 كۈنگە چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

90 كۈن مۇددەتنى تېخىمۇ ئۇزارتىش ئۈچۈن قانۇنىي خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ يەنە مۇنداق دېدى: «قانۇن ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەدە 90 كۈن قېلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىمىز، بىز بۇ مەسىلىدە قاتتىق بولمايمىز، بۇ ھوقۇقنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنستىرلىقى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بېرىمىز.»

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر