بىرمادا پارتلاش يۈز بەردى

بىرمانىڭ شەرقىدىكى بىر ئامباردا يۈز بەرگەن پارتلاشتا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 16 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 48 ئادەم يارىلاندى.

1170254
بىرمادا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالاقىدار خادىملار، شان ئۆلكىسىنىڭ موڭماۋ شەھىرىدىكى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى ۋە پارتلىغۇچى ماددىلار قويۇلغان بىر ئامباردا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پارتلاشتا 16 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 48 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرگەن مەزكۇر ئەمەلدارلار، يارىلانغانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالىنىستقا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، پارتلاشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر