مادۇرو غەلىبە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو پات يېقىندا يېڭى ھۆكۈمەت كابىنتىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1169385
مادۇرو غەلىبە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مىنستىرلارغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، پات يېقىندا يېڭى ھۆكۈمەت كابىنتىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېغىر سىياسىي كىرىزىسنى باش كەچۈرۈۋاتقان ۋېنېزۇئېلادا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋېنېزۇئېلا بىرلەشمە سوتسىيالىست پارتىيەسى پىرېزىدېنت مادۇرونى قوللاش ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن نامايىش تەشكىللىدى.

پارتىيە يەنە ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېت ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدونىڭ باش كاتىپى روبېرتو ماررېرونىڭ تېررورىزمغا يانتاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى توغرۇلۇقمۇ بايانات ئېلان قىلدى.

سابىق پارلامېنت باشلىقى ۋە باشقا نۇرغۇن ئۇيۇشمىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بۇ قېتىمقى نامايىش، دۆلەت پىرېزىدېنتلىق سارىيى مىرافلورېسنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتىن كېيىن ئاخىرلاشتى.

ۋېنېزۇئېلادا 7-مارتتا مەيدانغا كەلگەن توك توختاپ كېتىش ۋەقەسى ئۈستىدە توختالغان مادۇرو، بۇ ۋەقە تۈپەيلى زىيانغا ئۇچرىغان ئائىلە ئېلېكتر ئۈسكۈنلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مادۇرو بۇ ئىشنىڭ بىۋاستە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە "ۋەتەن كارتۇچكىسى"بولغانلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن بەھرىمان بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىكولاس مادۇرو ئۆكتىچى رەھبەر خۇەن گۇايدونىڭ بۇ يىل 23-يانۋاردا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت ئېلان قىلىۋېلىشى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كولومبىيەگە ئەۋەتكەن ياردەم بۇيۇملىرىنى 23-فېۋرالدا ۋېنېزۇئېلاغا ئېلىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇشى قاتارلىقلار ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ۋېنېزۇئېلادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ كەينىدە دونالد ترامپ ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان مادۇرو: ترامپ ۋە ئۇنىڭ يالاقچىلىرى پىلانلىغان سىياسىي ئۆزگىرىش ھەرىكىتى ئىشقا ئاشمىدى. بىز ھازىر ئۇرۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز، شۇڭا ھېچكىم مەيداننى تاشلاپ كەتمەيدۇ، بىز غەلىبە قىلدۇق، خۇشالمىز، بىز ئىتتىپاقلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز، لېكىن يەنىلا ھوشىيار ۋە سەزگۈر تۇرۇشىمىز كېرەك، دېدى.

مادۇرو سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: "چاۋىزنى ياقلايدىغان خەلقىمىز تىنچلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ھامىيىسىدۇر. ھەربىي ۋە خەلقتىن تەشكىل تاپقان ئىتتىپاقلىقىمىز بىزنى غەلبىگە ئېرىشتۈردى."

نىكولاس مادۇرو ئۆكتىچىلەرنىڭ باشقا لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن جىنايەتچىلەرنى ۋېنېزۇئېلاغا ئېلىپ كېلىپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مادۇرو جاۋابكارلارنىڭ چوقۇم جازالاندۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر