ئافغانىستاندا بىر تەنتەربىيە زالىدا بومبا ھۇجۇمى بەردى

ھۇجۇمدا يارىدار بولغانلار ئارىسىدا ۋالىي ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللارنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1169228
ئافغانىستاندا بىر تەنتەربىيە زالىدا بومبا ھۇجۇمى بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھېلماند ۋىلايىتىدە دېھقانلار بايرىمى مۇراسىملىرىغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 2 كىشى ئۆلدى.

ساقچى مەسئۇللىرى ھېلماند مەركىزىي تەنتەربىيە زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى بومبىنىڭ دېھقانلار بايرىمى مۇراسىمى باشلانغان ئەسنادا پارتلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھۇجۇمدا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 23 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نەق مەيداننى كۆرگەن شاھىدلار، يارىدار بولغانلارنىڭ ئارىسىدا ھېلماند ۋالىيسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللارنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر