جەنۇبىي كورېيەدە مېھمانخانا ياتاقلىرىدىكى مەخپىي سىنئالغۇلار غۇلغۇلا ياراتتى

جەنۇبىي كورېيەدە مېھمانخانا ياتاقلىرىدا 1600 غا يېقىن مېھماننىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى سىنغا ئېلىپ، ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلغانلىق گۇمانى ئاساسىدا 4 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

1168033
جەنۇبىي كورېيەدە مېھمانخانا ياتاقلىرىدىكى مەخپىي سىنئالغۇلار غۇلغۇلا ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە دۆلەتلىك ساقچى تەشكىلاتى نازارەتكە ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ جەنۇبىي كورېيە مىقياسىدا 30 مېھمانخانىنىڭ 42 ياتىقىدا مودېملەرگە، چاچ قۇرۇتۇش ماشىنىلىرىغا ۋەياكى باشقا ئېلېكتىرونلۇق بويۇملارغا مەخپىي كىچىك تىپلىق جاسۇس سىنئالغۇلارنى ئورونلاشتۇرۇش بىلەن ئيىبلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 

گۇماندارلارنىڭ ئالدىنقى يىلى ئاچقان ئىنتېرنېت تورىدا، 1600 دىن كۆپرەك مېھماننىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلەشكەنلىكى ياكى نەخ مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىپ نەپ ئۈندۈرگەنلىكى ھەققىدە كۈچلۈك گۇمان بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

مەخپىي سىنائالغۇدا تارتىلغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ قانۇنسىز ھالدا تارقىتىلىشىنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلە ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلماقتا. 

ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان مىڭلارچە جەنۇبيى كورېيەلىك ئاياللار ئالدىنقى يىلى نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر