ياۋروپا ئىتتىپاقى گۇگۇلنى يەنە جازالىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى گۇگۇلنىڭ ئېلان مۇلازىمەت سىستېمىسى « AdSense »نى ئەيىبلەپ جازا بەردى.

1167357
ياۋروپا ئىتتىپاقى گۇگۇلنى يەنە جازالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى گۇگۇلنىڭ ئېلان مۇلازىمەت سىستېمىسى « AdSense »نى بازاردىكى نوپۇزىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش بىلەن ئەيىبلەپ، 1 مىليارد 49مىڭ ياۋرو تۆلەم جازاسى بەردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى، گۇگۇل شىركىتىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ ئىنتېرنېت تور بەتلىرى بىلەن تۈزگەن كېلىشىملەردە چەكلىمە خاراكتېرلىك ماددىلارغا ئورۇن ئاجرىتىپ، رەقىبلىرىنىڭ بۇ تور بەتلىرىگە ئېلان بېرىشىگە توسالغۇ بولغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇگۇلنىڭ ئېلان مۇلازىمەت سىستېمىسى « AdSense »، ئىنتېرنېت تور بېتى ئىگىلىرى بىلەن ئېلان بەرگۈچىلەر ئوتتۇرىسىدا ۋاستىچىلىك رولى ئوينايدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 2017-يىلى گۇگۇلنىڭ ئىنتېرنېت سودا-سېتىق مۇلازىمەتلىرىدە رېقابەت قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 2 مىليارد 420 مىڭ ياۋرو تۆلەم جازاسى بېرىشنى قارار قىلغانىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 2018-يىلىمۇ گۇگۇلنى ئەقىللىق تېلېفون ۋە تابلېتقا ئوخشاش كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئاندرويىد سىستېمىسىدا بازاردىكى نوپۇزىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش بىلەن ئەيىبلەپ، گۇگۇل شىركىتىگە 4 مىليارد 300 مىليون ياۋرو تۆلەم جازاسى بەرگەنىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى شىركەتلەرنىڭ رىقابەت قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قىلماسلىقىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى بار.  

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى، ناۋادا شىركەتلەرنىڭ رىقابەت قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان تەقدىردە، شىركەتلەرگە زور مىقداردا تۆلەم جازاسى بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر