نىيۇ يوركتا بىر مۇسۇلمان ئايال ئۆچمەنلىك جىنايىتىنىڭ قۇربانى بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە ئۇمبەر ناسىر ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان ئايال ئۆچمەنلىك جىنايىتىگە دۇچ كەلدى.

1166791
نىيۇ يوركتا بىر مۇسۇلمان ئايال ئۆچمەنلىك جىنايىتىنىڭ قۇربانى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە كوچىدا مېڭىۋاتقان بىر مۇسۇلمان ئايال ئۆچمەنلىك جىنايىتىنىڭ قۇربانى بولدى.

نىيۇيوركنىڭ بروكلىن ناھىيەسىدە ياشايدىغان ئۇمبەر ناسىر ئىسىملىك مۇسۇلمان بىر ئايال، ساقچى ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شەنبە كۈنى كوچىدا مېڭىۋاتقاندا بىر ئەرنىڭ ئۆزىنى پۇتلىماقچى بولغانلىقىنى، بىراق غەرىزىگە يېتەلمەي ئەرنىڭ بولدى قىلماي پۇتىغا تەپكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇمبەر ناسىر مۇنداق دېدى: «بۇ ئۆچمەنلىك جىنايىتىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس، بۇ كىشى قىياپىتىم ۋە ياغلىقىم تۈپەيلى ماڭا ھۇجۇم قىلدى.»

ۋەقە يۈز بەرگەن مەھەللەدە بۇنداق بىر ھادىسىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان ئۇمبەر ناسىر، بۇ ۋەقەگە شاھىت بولغۇچىلارنىڭمۇ ئۆزىگە ياردەم قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

نىي ۇيورك ساقچى ئىدارىسى مەسئۇللىرى  ئۆچمەنلىك جىنايىتىنى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ بۇ ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى بىل دې بلاسىيو، ۋەقە توغرۇلۇق تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر يېزىپ بۇ ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈردى.

«بۇ مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس، پۈتكۈل نىيۇيورك خەلقىگە پەسكەشلەرچە قىلىنغان ئۆچمەنلىك جىنايىتىدۇر»دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر يازغان شەھەر باشلىقى بىل دې بلاسىيو، بۇنىڭغا ئوخشاش ئۆچمەنلىك جىنايىتىگە دۇچ كەلگۈچىلەرنى، ئەھۋالنى دەرھال ئالاقىدار ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر