گېرمانىيەدە ياغلىقلىق ھامىلدار ئايال ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا كىملىكى ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان بىر ئادەم ياغلىق ئارتىۋالغان ھامىلدار بىر ئايالنىڭ قورسىقىغا مۇش ئاتتى.

1167191
گېرمانىيەدە ياغلىقلىق ھامىلدار ئايال ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرلىن ساقچى ئىدارىسى بايانات بېرىپ، 41 ۋە 47 ياشلاردىكى ئىككى ئايال پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە نېئۇكۆلن پويىز ئىستانسىسىدا كېتىۋاتقاندا، ئىتىنى ئۇلارغا يېقىنلاشتۇرغان بىر كىشى بىلەن دەتالاش قىلىشقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، مەزكۇر كىشىنىڭ ياغلىق ئارتىۋالغانلىقى تۈپەيلى ئاياللارغا ھاقارەت قىلغانلىقى، 41 ياشلىق ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغا مۇش ئاتقانلىقى، 47 ياشلىق ئايالنىڭ يۈزىگە قارىتىپ ئېتىلغان مۇشتىن ئۆزىنى ئارانلا چەتكە ئېلىۋالالىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھۇجۇمچىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، سەھىيە خادىملىرىنىڭ ھەرخىل ئېھتىماللىقلارنى نەزەردە تۇتۇپ ھامىلدار ئايالنى بالنىستقا ئالغانلىقى، ساقچىنىڭ تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر