ئاۋستىرىيە يەھۇدىيلار سولانغان لاگېرلارنى مەجبۇرىي زىيارەت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ

ئاۋستىرىيەدە ئاشقۇن ئوڭچىل ھۆكۈمەت دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسىرائىلىيەگە نىسبەتەن تۇتقان تەنقىدىي چۈشەنچىلىرى سەۋەبىدىن ناتسىستلار دەۋرىدە يەھۇدىيلار سولانغان لاگېرلارنى زىيارەت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ.

1166071
ئاۋستىرىيە يەھۇدىيلار سولانغان لاگېرلارنى مەجبۇرىي زىيارەت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ

ركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇسۇلمانلارغا قارىتا قويۇلىدىغان ناتسىستلار دەۋرىدىكى يەھۇدىيلار سولانغان لاگېرلارنى زىيارەت قىلىش سىياسىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. مىنىسىتىرلىقنىڭ يازما باياناتىدا، ئۆتكەن ئاي (فېۋرال) دا ئېلىپ بېرىلغان يەھۇدىيلارغا قارشى پىكىر-ئېقىملارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، مۇسۇلمان بالىلارنىڭ ئىسىرائىلىيەگە تۇتقان تەنقىدىي ۋە سەلبىي قاراشلارغا ئىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ بايقالغانلىقى؛ كېيىنكى ھەپتىلەردە يەھۇدىيلارغا قارشى پىكىر-ئېقىملارغا قارشى كۈرەش قىلىش رامكىسىدا، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك قانۇن-لايىھەلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئاۋستىرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى كاغولىنې ئېچشتېدلە (Karoline Edtstadler) نىڭ سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلدى.

مەسلىھەتچى كاغولىنې ئېچشتېدلە تۈرك ۋە ئەرەب پەرزەنتلەردە يەھۇدىيلارغا قارشى قاراشلارنىڭ بايقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «كۆچمەن ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە قارىتىلىدىغان مەكتەپ ۋە تەلىم-تەربىيە ئورگانلىرىدا بۇ خىل پىكىر-ئېقىملارغا قارشى كۈرەش قىلىشنى مەزمۇن قىلغان خىزمەتلىرىمىزنى كۈچەيتىمىز» دېدى.

ئۇ ئاۋستىرىيە ئىسلام جامائىتى ۋە ئىسلام دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاۋستىرىيەگە كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئېقىملارنى چۈشىنىش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر