ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يەنە قورال بېرىشنى قارارقىلدى
ئامېرىكانىڭ 2020-يىللىق مۇداپىئە خامچوتىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ- پ ك ك غا قورال بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2020-يىللىق مۇداپىئە خامچوتىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ-پ ك ك غا بومبا ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنىڭ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى.
مۇداپىئە خامچوتىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ-پ ك ك غا بومبا ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنىڭ بېرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجرىتىلىشى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ-پ ك ك نىڭ بۇ ماتېرىياللارنى ئەزىز، باب، جەرابلۇس ۋە ئافرىندا تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغاندا ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگون، 12-مارتتا 2020-يىللىق مۇداپىئە خامچوتىدا سۈرىيەدىكى ھەرىبي ھەرىكەتلەر ئۈچۈن تېررولۇق تەشكىلاتى ي پ گ –پ ك ك غا 550 مىليون دوللار ئاجراتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
خامچوتقا دائىر دوكلاتتا ي پ گ –پ ك ك غا 300 مىليون ياردەم فوندى ئاجرىتىلغانلىقىمۇ ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ.
دوكلاتنىڭ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا 3000 يۈرۈش < AK-47 >تىپلىق مىلتىق، 2000 تال < C4> تىپلىق پارتلاتقۇچ، 30مىڭ تال سىم ۋە 5 مىليون تال ئوقنىڭ چىقىمىغا تەپسلىي ئورۇن ئاجرىتىلدى.
بۇلارنىڭ قىممىتىنىڭ 10 مىليون 46 مىڭ دوللار ئەتراپىدىكى ئىكەنلكى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا تەرىپىدىن قوراللاندۇرۇلۇپ كېلىنىۋاتقان ي پ گ-پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى تېل-رىفات ناھىيەسىدىن، تۈركىيە بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن تېررورچىلاردىن تازىلانغان ئافرىن،باب، جەرابلۇس ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى ئەزىز ناھىيەلىرىگە پات-پات ھۇجۇم قوزغاپ تۇرىدۇ.
ي پ گ-پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا بەرگەن قوراللارنى، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقى نۇرغۇن قېتىم ئىسپاتلاندى.