تالىبان 58 ئافغانىستانلىق ئەسكەرنى كۆرۈگە تۇتۇۋالدى

ئافغانىستاندا 58 ئەسكەر تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىبان تەرىپىدىن كۆرۈگە تۇتىۋېلىندى.

1166399
تالىبان 58 ئافغانىستانلىق ئەسكەرنى كۆرۈگە تۇتۇۋالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى قائىس مەنگەل تالىبان تېررورچىلىرىنىڭ بادگىس ۋىلايىتىگە قاراشلىق بالا مۇرگاب ناھىيەسىدىكى ھەربىي پونكىتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمدىن كېيىن 58 ئەسكەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىبان تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان مەنگەل ئەسكەرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

تالىبان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ھۇجۇمدىن كېيىن بىر قانچىلىغان ھەربىي پونكىتلارنىڭ كونتىروللۇقىنى تارتىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر