ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن پ ك ك تېررورچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
1165803
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىگە قاراشلىق خەۋپسىزلىك مېدىياسى تورى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ مۇسۇلدىكى نىنوۋا ھەربىي ھەرىكەت قوماندانلىقى 72 – بېرىگاداسىنىڭ تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن رۇخسەتسىزلا ئۆتۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، بۇنىڭغا يول قويمىغان ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن پ ك ك ئەزالىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 2 نەپەر ئىراق ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 5 نەپەر پ ك ك تېررورچىسىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.