ئالجىرىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئالجىرىيەنىڭ نۇرغۇن شەھىرىدە پىرېزىدېنت بۇتەفلىقانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

1164578
ئالجىرىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيەنىڭ نۇرغۇن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا پىرېزىدېنت ئابدۇلئەزىز بۇتەفلىقانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ ئەكسىچە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ يەنە ئۇزارتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

پايتەخت ئالجىرىيەدىكى مەركەز پوچتىخانا مەيدانىغا يىغىلغان يۈزلەرچە نامايىشچى بۇتەفلىقانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ سايلام ئۆتكۈزۈلمەستىن ئۇزارتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، "بۇتەفلىقاغا قارشىمىز،  ماكرون يوقال"دەپ توۋالاشتى.  

نامايىشچىلار "خەلق ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىر مىنۇتمۇ ۋاقتىڭ  يوق ۋە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتالمايسەن بۇتەفلىقا، چەت كۈچلەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشىمىز، دېگەن مەزمۇندا شوئار توۋلاشتى.

پايتەختنىڭ شەرقىدىكى بىجايە ۋە بۇۋەيرا شەھەرلىرىدىن سىرت يەنە نۇرغۇن شەھەردە ھاكىمىيەت ۋە بۇتەفلىقاغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.


خەتكۈچ: #ئالجىرىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر