دۇنيا لىدېرلىرى يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

دۇنيا لىدېرلىرى يېڭى زېلاندىيەدىكى ئىككى جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

1164577
دۇنيا لىدېرلىرى يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيەنىڭ چرىستچېرچ شەھىرىكى ئىككى جامەگە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىغا پۈتكۈل دۇنيادىن نارازىلىقلار كەلمەكتە.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ھۇجۇملاردا 49 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاكىندا ئاردېرنغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق ئىدارىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان تەزىيەنامىسىدە، جامەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملاردا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە يارىلىنىشىدىن كۆڭلىنىڭ قاتتىق يېرىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاكىندا ئاردېزن ۋە يېڭى زېلاندىيە خەلقىگە ئەزەربەيجان خەلقىگە ۋاكالىتەن تەزىيە بىلدۈرگەن ئىلھام ئەلىيېۋ تەزىيەنامىسىدە مۇنۇلارنى بايان قىلدى: "بۇ ۋەھشىيانە تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن قاتتىق غەزەبلەندۇق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەر قانداق تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىنى يېقىندىن قوللايمىز."

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى "ۋەھشىيلىك"دەپ تەرىپلىدى.

غەنى بايانات بېرىپ، تېررورچىلارنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىنىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋمۇ ھۇجۇم توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: "دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە قارشى بولغان تېررورىزم ۋە ئاشقۇنلۇققا قارىشىمىز. تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن تولىمۇ قايغۇردۇق."

قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق ئىدارىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربەيېۋ، يېڭى زېلاندىيە دۆلەت رەئىسى پاتسىي رەددىيگە تەزىيە بىلدۈرگەن.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېمۇ يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

شىنزو ئابې، ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر يېزىپ، سەۋەبى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ چوقۇم ئەيىبلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر