پاكىستان - ھىندسىتان ھەيئەتلىرى ۋىزىسىز كىرىپ - چىقىدىغان چېگرا ئېغىزى ئېچىش سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

پاكىستان بىىلەن ھىندىستاننىڭ ئالاقىدار خادىملىرى، ئۆتكەن ھەپتە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشتىن كېيىن ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، ۋىزىسىز چېگرا ئېغىزى ئېچىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1163523
پاكىستان - ھىندسىتان ھەيئەتلىرى ۋىزىسىز كىرىپ - چىقىدىغان چېگرا ئېغىزى ئېچىش سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى راۋېش كۇمار، ھىندىستان تەرەپكە كەلگەن پاكىستان ھەيئىتى بىلەن ھىندىستان ھەيئىتىنىڭ، سىخلارنىڭ پاكىستاندىكى ئىبادەتخانا زىيارەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى كۆزلەپ، ۋىزىسىز چېگرا ئېغىزى ئېچىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇچرىشىشتا پاكىستان ھەيئىتىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد فەيسالنىڭ رىياسەتچىلىك قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

فايسال ھىندىستانغا قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ تەشەببۇسىنىڭ، سىخلارغا ئاسانچىلىق يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، توقۇنۇشتىن ھەمكارلىققا، دۈشمەنلىكتىن تىنچلىققا، ئاداۋەتتىن دوستلۇققا قاراپ تاشلانغان بىر قەدەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

تەرەپلەر ئارىسىدىكى سۆھبەت، چېگراغا 3 كېلومېتىر كېلىدىغان ھىندىستان يېزىسى ئاتتارىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە.

پاكىستان بىلەن ھىندىستان كارتارپۇر چېگرادىن ۋىزىسىز كىرىپ – چىقىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.

ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى بۇ قېتىمقى سۈركىلىش، كەشمىرنىڭ ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى قىسمىدا 14 – فېۋرالدا يۈز بېرىپ 44 ساقچىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بومبىلىق ھۇجۇم بىلەن بىرلىكتە باشلىغانىدى.

يېڭى دېھلى دائىرىلىرى، ھۇجۇمدىن كېيىن پاكىستاننى ئەيىبلىدى. ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن پاكىستان بولسا، ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

ھىندىستان، 26 – فېۋرالدا كەشمىر كونترول لىنىيەسىنىڭ پاكىستان تەرىپىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى نىشانلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھىندىستاننىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنى چۈشۈرۈۋەتتى. ئارقىدىن ياخشى نىيەتنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ھىندىستانلىق ئۇچقۇچىنى قويۇپ بەردى.

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان، ھىندىستاننى مەسىلىلەرنى دىيالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىشقا ۋە سوغۇققانلىقنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىردى.

تۈركىيە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ دىيالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر