ئافغانىستاندا بىر ژۇرنالىست بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھېلماند ۋىلايىتىدە ئاپتوموبىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن بىر ژۇرنالىست يارىدار بولدى.

1162053
ئافغانىستاندا بىر ژۇرنالىست بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېلماند ۋالىي مەھكىمىسى ھېلماندتا بىر تېلېۋزىيە قانىلىدا مۇخبىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ناسىر ئەھمەد ئەھمەدىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ ئۇ ئىشقا كېتىۋاتقان پەيتتە، يولدا پارتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ژۇرنالىست ئەھمەدىنىڭ ھۇجۇمدا ئېغىر يارىدار بولغانلىقى ۋە دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچقايسى تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر