ترامپنىڭ چېگرا تاملىرى ئۈچۈن يەنە قانۇن تەكلىپى سۇنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مېكسىكا چېگراسىغا سېلىنىدىغان تاملار ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىگە قانۇن تەكلىپى سۇنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1160655
ترامپنىڭ چېگرا تاملىرى ئۈچۈن يەنە قانۇن تەكلىپى سۇنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە بەرمەكچى بولغان 2020-يىللىق خامچوت لايىھەسىدە، مېكسىكا چگراسىغا سېلىنماقچى بولغان تام ۋە باشقا چىقىملار ئۈچۈن 8 مىليارد 600 مىليون دوللار تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، دونالد ترامپنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە چېگرا بىخەتەرلىكىگە دائىر دۆلەت مەجلىسىگە يېڭى قانۇن لايىھەسى بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دونالد ترامپنىڭ 8 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق خامچوتنىڭ  5 مىليارد دوللىرىنى چېگرا بىخەتەرلىك تاملىرى ئۈچۈن ئىچكى خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى خامچوتىدىن، 3 مىليارد 600 مىليون دوللىرىنى چېگراغا قۇرۇلىدىغان ھەربىي بازىلار ئۈچۈن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگون خامچوتىدىن ئېلىشنى پىلانلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خامچوتقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپى ئىچىدە چېگرا بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يەنە 2800 خەۋپسىزلىك خادىمى ۋە كۆچمەنلەرنىڭ رەسمىيەتلىرىنى تېزلاشتۈرۈش ئۈچۈن 100 سوتچى  ئىشقا ئېلىش قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.

بۇ خەۋەرلەر توغرۇلۇق بايانات بەرگەن ئاۋام  پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسى  بىلەن ئالىي پالاتا ئەزاسى چارلېس سىچۇمېر، ترامپنىڭ بۇ قانۇن تەكلىپىنىڭ مەنتىلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، مېكسىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۆلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن چىقىمى يۇقىرى ۋە كارغا كەلمەس تاملار ئۈچۈن ھۆكۈمەتنى تاقىۋېتىپ، مىليونلارچە ئامېرىكالىقنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. دۆلەت مەجلىسى بىخەتەرلىك تاملىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشنى رەت قىلدى، ترامپ بولسا بۇ مەغلۇبىيەتنى تەن ئېلىپ ھۆكۈمەتنى قايتىدىن ئېچىشقا مەجبۇر بولدى، ترامپ بۇنى يەنە قىلىمەن دېسە، نەتىجىسى ئوخشاش بولىدۇ، ترامپنىڭ بۇنىڭدىن زور ساۋاق ئېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.»

دونالد ترامپنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىن تەلەپ قىلىدىغان خامچوت مىقدارىنىڭ دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن كېيىنكى 2 يىل ئىچىدە چېگرا لايىھەلىرى ئۈچۈن ئاجراتقان خامچوت مىقدارىدىن 6 ھەسسە كۆپ بولۇشى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ.

2020-يىللىق خامچوت لايىھەسى بۇ يىل 1-ئۆكتەبىردىن ئىلگىرى دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن چوقۇم ماقۇللىنىشى كېرەك، ئەكسىچە بولغاندا ھۆكۈمەت قايتىدىن تاقىلىپ كېتىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر