رۇسىيەدە ئىنتېرنېت چەكلىمىلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئىنتېرنېت چەكلىمىلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1160984
رۇسىيەدە ئىنتېرنېت چەكلىمىلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
rusya internet protesto1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موسكۋادىكى ساخاروۋ يولىدا پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى ماتېرىياللارغا چەكلىمە قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھالدا، «ئىنتېرنېتقا ئەركىنلىك» تېمىسىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

ساقچىلار، نامايىشتىن ئىلگىرى ئۈستىگە شوئارلار يېزىلغان بەزى لوزۇنكا ۋە شارلارنى مۇسادىرە قىلدى، 28 ئادەمنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، نامايىشقا 6500 ئادەمنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بىراق ئۆكتىچىلەر نامايىشچىلار سانىنىڭ 15300 ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر