بولتو ن: دائېش داۋاملىق تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە

ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ داۋاملىق تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1161187
بولتو ن: دائېش داۋاملىق تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بولتون ئامېرىكىنىڭ «‹ ABC › تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ رايونلۇق ئۈستۈنلۈكىنى پۈتۈنلەي قولدىن بېرىپ قويغانلىقىغا قارىتا باياناتىنىڭ، دائېشنىڭ پۈتۈنلەي يوقغالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ناھايىتى ئوبدان بىلىمىزكى، نۆۋەتتە دائېش جەڭچىلىرى سۈرىيە ۋە ئىراقتا تارقاق ھالەتتە مەۋجۇدىيىىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا، ھەمدە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا كۈچىنى زورايتىشقا تتىرىشماقتا، جۈملىدىن دائېش داۋاملىق تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدە 400 ئەسكەر قالدۇرۇش قارارى توغرىلىقمۇ توختالغان ۋە بۇ قارارنىڭ دائېشنىڭ تەكرار كۈچلىنىشىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقىنى قەيت قىلغان بولتون، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىراقتىكى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەۋجۇدىيىنى داۋاملاشۇتۇرۇش ۋە سۈرىيەدە كىچىك بىر كۆزىتىش قىسمى تۇرغۇزۇش قارارى چىقىرىشىنىڭ پەردە ئارقسىىدكى سەۋەبلەردىن بىرى، دائېشنىڭ ئۆزىنى يېڭىلاش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىدۇر. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، دائېش قايتا ئوتتۇرىغا چىقسا، مۇداخىلە قىلىمىز.»

ئۇ يەنە، دائېشنىڭ قايتىدىن تىرىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە ئەنگلىيەلىك ۋە فىرانسىيەلىك كەسپداشلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر