ئىران ئامېرىكانىڭ ئىراقتا ئىرانغا رەقىب ھاكىمىيەت قۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف ئامېرىكانىڭ ئىرانغا رەقىب ھاكىمىيەت قۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1160283
ئىران ئامېرىكانىڭ ئىراقتا ئىرانغا رەقىب ھاكىمىيەت قۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف، ئامېرىكانىڭ ساددام ھۈسەيىن رەھبەرلىگىدىكى بائاس ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىدىن كېيىن، ئىراقتا ئىرانغا رەقىب بولىدىغان بىر ھاكىمىيەت قۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

تېھراندا ئىراق ئىنقىلاب ئالىي ئىسلام كېڭىشى رەھبىرى مۇھەممەد باقىر ئەل ھەكىمنى خاتىرىلەش پىروگراممىسىدا سۆز قىلغان زارىف، ئىران-ئىراق مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە توختالدى.

ئىران بىلەن ئىراق خەلقنىڭ ئۆتمۈشتە بىرلىشىپ ساددام ھۈسەيىنگە قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقىنى ئېيتقان زارىف: ئامېرىكا ئىراقتا ئىرانغا رەقىب بولىدىغان ھاكىمىيەت قۇرۇشنىڭ كويىدا يۈردى. ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق ئىرانغا تەھدىت پەيدا قىلىشنى نىشان قىلغانىدى، بىراق كۈنىمىزدە ئىران بىلەن ئىراق ئاشقۇن گۇرۇھلارغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، دېدى.

ئىراق ۋە ئىرانسىز ئوتتۇرا شەرقتە بىخەتەرلىك ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى ياقلىغان زارىف، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ باسرا قولتۇقى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئامانلىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر