مۇسۇل شەھىرىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە ئاپتوموبىل بومبا بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا، 2 ساقچى ئۆلۈپ، 16 كىشى يارىدار بولدى.
1159991
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇل ۋىلايەتلىك خەلق كېڭىشى بىخەتەرلىك كومىتېتى باشلىقى مەھمۇت ئەل جۇببۇرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، مۇسۇل شەھەر مەركىزىدىكى بىر ئاشخانا ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىل بومبىنىڭ تۇيۇقسىز پارتىلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلۈپ، 16 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغان جۇببۇرى، ئاپتوموبىلنىڭ كىم ياكى قايسى گۇرۇپ تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلغانلىقى نامەلۇم ئىكەنلىكىنى، رايونغا يېتىپ بارغان ئامانلىقنى ساقلاش دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.