ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىك بىر بالىنى شېھىت قىلدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززەدىكى «كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار» جەريانىدا نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە يارىلانغان پەلەستىنلىك بىر بالا شېھىت بولدى.

1158512
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىك بىر بالىنى شېھىت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، تۈنۈگۈن غەززەنىڭ شەرقىي قىسمىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە يارىلانغان 15 ياشلىق سەيفەددىن ئەزۇ زەيد  ئىسىملىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

مىنىستىرلىق ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ «كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار» غا قاتناشقانلارغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 4 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، پەلەستىنلىكلەر 2018 – يىلى 30 – مارتتىن بۇيان قامال ئاستىدىكى غەززە رايونىنىڭ ئىسرائىلىيە چېگراسىدا «كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار» نى ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر