تۈركىيە ئىراق تۈركمەنلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىگە قاراشلىق ماھمۇر ناھىيەسى ئەتراپىدا تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1158971
تۈركىيە ئىراق تۈركمەنلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىگە قاراشلىق ماھمۇر ناھىيەسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 5 تۈركمەن ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 30 تۈركمەن ئامانلىقنى ساقلاش خادىمىنىڭ يارىدار بولغانلىقىدىن قاتتىق ئازابلىنىش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق. بۇ لەنەتلىك ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بارلىق تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە دوست ئىراق خەلقىگە تەزىيە تېلەكلىرىمىزنى يوللايمىز. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە يارىدار بولغانلارغا شىپالىق تېلەيمىز» 

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تۈنۈگۈن ھاشدى شابى تۇزھۇرماتۇ تۈركمەن قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

ھاشدى شابى تۇزھۇرماتۇ تۈركمەن قىسىملىرى مۇسۇلدىكى بەزى ئىدارىي رەسمىيەتلىرىنى تۈگۈتۈپ قايتىپ كېتىۋاتقان پەيتتە، يول ئۈستىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر