ترامپ: ئەگەر راست بولسا، مەندە كۈچلۈك ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىدۇ

دونالد ترامپ، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش ئورنىدا يېڭى قۇرۇلۇش سېلىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كىرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار توغرىسىدا توختالدى.

1158641
ترامپ: ئەگەر راست بولسا، مەندە كۈچلۈك ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش ئورنىدا يېڭى قۇرۇلۇش سېلىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كىرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ، « بۇ راست بولسا، كىم جوڭئۇن ھەققىدە ناھايىتى ئېغىر ئۈمىدسىزلىككە دۇچار بولغان بولاتتىم» دېدى.

دونالد ترامپ ئاقسارايدا مەتبۇئات مەنسۇپلىرىنىڭ شىمالىي كورېيە توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

شىمالىي كورېيە ئۆتكەن يىلى يوقىتىپ تاشلاشنى قوبۇل قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش رايونىدا قايتىدىن قۇرۇلۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارغا ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن ترامپ، بۇ دەۋالار توغرىسىدا ئوچۇق پىكىر بايان قىلىش ئۈچۈن ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىر نەرسە دېيىش ئۈچۈن بەك بالدۇر. نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىغا قارايمىز. ئەگەر بۇ راست بولسا، كىم جوڭئۇن ھەققىدە ناھايىتى ئېغىر ئۈمىدسىزلىككە دۇچار بولغان بولاتتىم» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن 27 – ، 28 – فېۋرال كۈنلىرى ۋىيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن، بىراق يىغىندا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىغانىدى.

ترامپ كىم جوڭئۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئۇلار ئېمبارگولارنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىشى تەلەپ قىلدى. بىزنىڭ بولسا بۇنداق قىلىش نىيىتىمىز يوق ئىدى. شۇڭا كېلىشەلمىدۇق» دېگەنىدى.

شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى يوڭخو بولسا، يىغىندا ئېمبارگولارنىڭ قىسمەن بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شىمالىي كورېيە بىلەن سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر