يەمەن ھۆكۈمىتى ب د ت نى شىئە ھۇسىيلارغا بېسىم قىلىشقا چاقىردى

يەمەن ھۆكۈمىتى ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى شىئە ھۇسىيلارغا بېسىم قىلىشقا چاقىردى.

1157730
يەمەن ھۆكۈمىتى ب د ت نى شىئە ھۇسىيلارغا بېسىم قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى سىتوكھولۇم كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن شىئە ھۇسىيلارغا بېسىم قىلىشقا چاقىردى.

يەمەن رەسمىي ئاگېنتلىقى-سابانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەمەن مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مۇھسىن ئەل ئەھمەر بىلەن ب د ت يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى مارتىن گىرىففىتىس سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشتە ۋەكىل مارتىن گىرىففىتىس، شىئە ھۇسىيلارنىڭ سىتوكھولۇم كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۇدەيدە رايونىدىكى پورتلاردىن چېكىنىپ چىقىشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بولسا بۇ ھادىسىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت غا ماسلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەھمەر، ھۇدەيدە مەسىلىسىدە سىتوكھولۇم كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن شىئە ھۇسىيلارغا بېسىم قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.  

مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ئەھمەر، شىئە ھۇسىيلارنىڭ شەھەر ۋە پورتلاردىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ يېڭى سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شەرت ئىكەنلىكىنى دېدى.

يەمەن دائىرىلىرى ب د ت نىڭ ھىمايىسىدە شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولۇمدا 2018-يىلى 6-دېكابىردىن 13-دېكابىرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن كېڭەش يىغىنىدا ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش، ھۇدەيدەدە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش، پورتلار ۋە تايىزغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم ئىمزالىغانىدى.

ھۇدەيدە ۋە ئەتراپىدىكى رايونلار ئۈچۈن بۇلتۇر 18-دېكابىردا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان ئوق  چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن رىئايە قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق شەھەردىن چېكىنىپ چىقىش مەسىلىسىدە ھازىرغىچە كونكرېت قەدەم تاشلانمىدى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىققا سەھنە بولۇپ كېلىۋاتقان يەمەندە، شىئە ھۇسىيلار 2014-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سەنئا ۋە بەزى رايونلارنى تىزگىنى ئاستىدا تۇتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر