9-مارت ۋېنېزۇئېلادا ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچى تەرەپ بىر-بىرىگە قارشى نامايىش قىلىدۇ
9-مارت ۋېنېزۇئېلادا نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتى تەرەپدارلىرىمۇ ئۆكتىچىلەرگە ئوخشاش نامايىش قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان دۆلەت پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدو ئۆكتىچىلەرنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلشقا دەۋەت قىلىشىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرۇپ، 9-مارت (شەنبە) كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
ئۇ سابىق پىرېزىدېنت چاۋېزنىڭ ئۆلۈمىنىڭ 6-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت كاراكاستا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە سۆز قىلغاندا، ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ 2015-يىل 9-مارت ۋېنېزۇئېلانىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارالغان قارارنامىنى ئىمزالىغانلىقىنى خاتىرىلەتتى.
ئۇ مەزكۇر قارارنامە ئىمزالانغان كۈننى «بولىۋارجى ئىمپېرىيالىزمغا قارشى كۈن» دەپ بىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە: «شەنبە كۈنى كوچىلاردا بولىمىز» دېدى.
ئۇ ۋېنېزۇئېلا ئاياللىرىنى «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن كوچىلارغا چىقىشقا دەۋەت قىلدى ۋە ئۇ كۈنى مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2019-يىل 22-فېۋرال ۋاقىتلىق ئايرىلغان ۋېنېزۇئېلاغا 4-مارت خاتىرجەم ھالدا قايتىپ كەلگەن ۋە كاراكاستا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا قوللىغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن خۇەن گۇايدو، بەزى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئايرىم كۆرۈشتى. ئۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇيۇشمىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇ ئىش تاشلاش ۋاقتىنىڭ ئۇيۇشمىلار تەرىپىدىن ئۇقتۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ تەكلىپنى ئۇيۇشمىلارنىڭ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.