لاۋروۋ، موسكۋانىڭ پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئالدىنقى شەرتسىز ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئىسرائىلىيە – پەلەستىن يىغىنىغا رۇسىيەنىڭ ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1157307
لاۋروۋ، موسكۋانىڭ پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرگېي لاۋروۋ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن تىنچلىق مۇساپىسى، سۇرىيە ۋەزىيىتى، تېررورىزم ۋە ئاشقۇنلۇق دېگەندەك مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

پارس قولتۇقى ئەللىرى زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان سېرگېي لاۋروۋ، جۇبەير بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

لاۋروۋ تىنچلىق مۇساپىسى توغرىسىدا توختىلىپ، دۆلىتىنىڭ بۇ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بىر پەلەستىن – ئىسرائىلىيە يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سېرگېي لاۋروۋ، «ئىسرائىلىيەنىڭ بىز بىلەن ئورناتقان ئالاقىسىغا بىنائەن، رۇسىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئالدىنقى شەرت قويۇلماستىن تىنچلىق مۇساپىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بىر يىغىننىڭ ئېچىلىشى توغرىسىدا پەلەستىن رەھبەرلىكى بىلەن كېلىشتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ يىغىن ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكىنى، بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرغىچە ۋاقىت بىلدۈرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن لاۋروۋ، بىر ۋاقىت بېكىتىلگەن تەقدىردە، ئىسرائىلىيەنىڭ تەشەببۇسىغا ئىجابىي جاۋاب بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە – پەلەستىن تىنچلىق مۇساپىسىدىكى تۇرغۇنلۇققا ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئاساس قىلىدىغان تىنچ ئۇسۇللار بىلەن خاتىمە بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن لاۋروۋ، ئەرەب تىنچلىق پىلانىنى چەتكە قېقىش تىرىشچانلىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە تەييارلاپ چىققان «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» پىلانىغا ئىشارەت قىلدى.

مەزكۇر پىلاننىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن لاۋروۋ، ئەرەب تىنچلىق پىلانى چەتكە قېقىلماسلىقى، پەلەستىن مەسىلىسىگە ئالاقىدار خەلقئارالىق كېلىشىملەر ئاستىن – ئۈستۈن قىلىنماسلىقى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر