مىسىر بىلەن فىرانسىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيەلىرى بىرلىكتە مانېۋىر باشلىدى

مىسىر بىلەن فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ مىسىردا بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1156600
مىسىر بىلەن فىرانسىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيەلىرى بىرلىكتە مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك تامىر ئەررۇفائى مىسىر ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مانېۋىر باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىسىر ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك تامىر ئەررۇفائى يازما باياناتىدا، فىرانسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ مىسىردىكى بىر ھەربىي بازىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مانېۋىرنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ باياناتىدا، مانېۋىرنىڭ بىر قانچە كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىنى، مانېۋىرنىڭ ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش مەقسىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

باياناتچى پولكوۋنىڭ تامىر ئەررۇفائى باياناتىدا يەنە، مانېۋىرنىڭ ئورتاق ھاۋا ھەرىكەتلىرى، دۈشمەن نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، ھەربىي ھەرىكەتلەرنى پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر