كەشمىردىكى پۇقرالار بىخەتەر جايغا يۆتكەلدى

پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەشمىر كونترول لىنيەسى ئەتراپىدىكى ئېتىشىشلار سەۋەبىدىن خەتەر ئاستىدا قالغان پۇقرالار، بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

1156369
كەشمىردىكى پۇقرالار بىخەتەر جايغا يۆتكەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەشمىرنى بۆلۈپ تۇرىدىغان كونترول لىنيەسىنىڭ پاكىستانغا تەۋە ئازاد كەشمىر رايونىدا 200 گە يېقىن ئائىلە، توقۇنۇش سىزىقىدىكى ئۆيلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت تەسىس قىلغان ئۈچ پاناھلىنىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

پاكىستان ھۆكۈمەت مەسئۇلى مۇئاززام زافەر ھاۋا بومباردىمانلىرى ۋە توپ ئوقلىرىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالغان ئائىلىلەرنىڭ ئۈچ پاناھلىنىش بىناسىغا توپلانغانلىقىنى، ئائىلىلەرگە يېمەك-ئىچمەك ۋە داۋالىنىش جەھەتتىن ياردەم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچلىك، 2019-يىل 14-فېۋرال (پەيشەنبە) كەشمىرنىڭ ھىندىستانغا تەۋە قىسمىدا قوراللىق ساقچى قىسمىغا قىلىنغان ۋە 44 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بومبا ھۇجۇمى بىلەن باشلانغان ئىدى.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى پاكىستاننى ھۇجۇم ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان تېررورىستلارنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىگەن؛ پاكىستان بولسا، ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن، ئەمما ھىندىستاننىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلغان ئىدى.

ھىندىستان 2019-يىل 26-فېۋرال (سەيشەنبە) كەشمىر كونترول لىنيەسىنىڭ پاكىستان تەۋەلىكىدىكى تېررورلۇق نىشانلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پاكىستان بولسا، ھاۋا تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ھىندىستاننىڭ ئىككى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھىندىستانمۇ پاكىستاننىڭ بىر ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، بىراق پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇنى توغرىلىمىدى. پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئارمىيەسى جىددىيچىلىكنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى بولسا، پاكىستاننى ھىندىستاننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، خىتاي ۋە رۇسىيە تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر