سېرىق جىلىتكىلىكلەر گوللاندىيەدە يەنە بىر قېتىم نامايىش ئۆتكۈزدى

سېرىق جىلىتكىلىكلەر بۇ ھەپتە گوللاندىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدە 14 – قېتىم ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى.

1155810
سېرىق جىلىتكىلىكلەر گوللاندىيەدە يەنە بىر قېتىم نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە  ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرىق جىلىتكىلىكلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى ئارقىلىق قىلىنغان چاقىرىققا ئاساسەن پايتەخت ئامستېردام، لاھەي، روتتېردام ۋە لېئۇۋاردېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار شەھەرلەردە يىغىلىپ يۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

كۆپ سانلىقنى گوللاندىيەدىكى ئاشقۇن ئوڭچىلار تەشكىل قىلغان نامايىشتا، باش مىنىستىر مارك رۇتتې ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار، باج ۋە سالامەتلىك سۇغۇرتىسىنى تۆۋەنلىتىلىشى ۋە پىنسىيونېرلىق يېشىنىڭ 65 كە چۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

لېئۇۋاردېن شەھىرىدىكى نامايىشقا دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن ئادەم ئىشتىراك قىلدى.

دۇنيا سودا مەركىزى بىناسىنىڭ ئالدىدىن باشلانغان يۈرۈش ۋىلھېلمىنا مەيدانىدا ئاخىرلاشتى.

نامايىشچىلار، يۈرۈش جەريانىدا «ناھەقچىلىك ھەقكە ئايلانغاندا قارشىلىق كۆرسىتىش شەرتتۇر»، «ئويغان، ئەڭ چوڭ ئۆكتەم ۋە جىنايەتچى ھۆكۈمەتتۇر»،  «باج چۈشۈرۈلسۇن، تېخىمۇ كۆپ ئىجارىلىك ئىجتىمائىي تورالغۇ تەسىس قىلىنسۇن ۋە يوقسۇللۇققا خاتىمە بېرىلسۇن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن ھالدا، «توسۇپ قال، بۇ سىياسەتنى ئەمدى قوبۇل قىلمايمىز» ۋە «رۇتتې يوقال» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

روتتېردامدىمۇ ئېراسمۇس كۆۋرۈكىگە توپلانغان بىر گۇرۇپپا سېرىق جىلىتكىلىكلەر، «21 – مارتتا ئاۋازىڭ ئارقىلىق ئۇلارنى يىراقلاشتۇر» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئېچىپ نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.

كۆپ ساندا ساقچى ۋەزىپە ئۆتىگەن نامايىشتا بىر ئىس – تۈتەك بومبىسى مۇسادىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر