خىتاي خۇاۋېي شىركىتى مۇدىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي كانادانىڭ خۇاۋېي شىركىتى مالىيە ئىشلىرى مۇدىرى مىڭ ۋانجونى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيەتلىرىنى باشلىغانلىقى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۇنىڭدىن ئىنتايىن قاتتىق نارازى بولماقتىمىز. قەتئىي ئىرادە بىلەن بۇنىڭغا قارشى چىقىمىز» دېگەن سۆزلەرنى

1155549
خىتاي خۇاۋېي شىركىتى مۇدىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، كاناداغا نارازىلىق بىلدۈردىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىتاي تەرەپ كانادانىڭ مىڭ ۋانجۇغا زورلاپ تېڭىۋاتقان ئاتالمىش ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ بېرىش رەسمىيەتلىرىگە قاتتىق نارازى بولماقتا ۋە  بۇنىڭغا قەتئىي ئىرادە بىلەن قارشى چىقىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. 

لۇ كاڭ ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ ئۆزئارا جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى سۇيىئېستىمال قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ خىتاي پۇقراسىغا خالىغانچە موجبۇرىي تەدبىرلەرنى ئىشقا سالغانلىقىنى شۇنداقلا قانۇنلۇق ھەق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاياق ئاستى قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

لۇ كاڭ باياناتىدا، بۇنىڭ بىر سىياسىي ۋەقە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكىنى مىڭ ۋلانجۇنى قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە نازارەتكە ئېلىش تەلىپىدىن ۋاز كېچىشكە، كانادانى بولسا، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خوجايىنىنى بالدۇرراق قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.

كانادا فېدېراتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈزگۈزگەن ئېمبارگولىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ساختەپەزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، مىڭ ۋانجۇنى كانادادا نازارەتكە ئالغان ئاندىن 10 مىليون كانادا دوللىرى كاپالەت پۇلى تۆلەش بەدىلىگە قويۇپ بەرگەنلىكى، نۆۋەتتە ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ بېرىش رەسمىيەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

قايتۇرۇپ بېرىشكە ئالاقىدار سوتتا مىڭنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى ئۆتكۈزمىگەنلىكىگە دائىر قارار چىقىرىلمايدىغانلىقى، بىراق ئامېرىكىغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن دېلونىڭ ئامېرىكا ئەدلىيەلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

بۇ دېلوغا مەسئۇل قىلىنغان بىرىتانىيە كولومبىيە ئۆلكىلىك ئالىي سوت مەھكىمىسى 6مارت چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ بېرىش سوتىنىڭ تۇنجى ۋاقتىنى بەلگلەيدىغان بولدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر