ئافغانىستاندا تالىبان ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلدى

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھېلماند ۋىلايىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىبان ئەزالىرى «‹شوراب› ھەربىي بازىسى» غا ھۇجۇم قىلدى.

1155283
ئافغانىستاندا تالىبان ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  ھۇجۇمدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 4 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

ھۇجۇمدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىنمۇ ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ قانچە كىشى ئىكەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىدى.

تالىبان تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ھۇجۇمدا ئۇچقۇچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھېلماند ۋىلايىتىنىڭ ۋاشىر ناھىيەسىگە جايلاشقان «‹شوراب› ھەربىي بازىسى» دا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  215 – مايۋاند كورپۇسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ھەربىي لاگېرى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر