زەرىف: دۇنيا غەربنىڭ ئوقىدا ئايلانمايدۇ

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، دۇنيادىكى كۈچ مەركەزلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپانىڭ ئەتراپىغا مەركەزلەشمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

1154524
زەرىف: دۇنيا غەربنىڭ ئوقىدا ئايلانمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىف تېھران ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، «دۇنيا غەرب ئوقى ئەتراپىدا ئەمەس. دۇنيادىكى كۈچ مەركەزلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئەتراپىغا توپلانمايدۇ. دۇنيا ئەمدى ئۆزگەردى، دەۋرىمىزدە كۈچنىڭ ئاساسى ئىلىم، تېخنولوگىيە، مۇستەقىللىق، ئېتىقاد ۋە ئىجتىمائىي ئىشەنچتۇر» دېدى.

زەرىف، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۆتكەن يىلى سېتىۋالغان قوراللىرى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۆتكەن جەمئىي 89 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «رايونىمىزغا 100 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىشتى. ئىراننىڭ ھەربىي خامچوتىنىڭ ناھايىتى ئاز بولۇشىغا قارىماي، نېمىشقا ئىراندىن بۇنچىلىك ئەندىشە قىلىشىدۇ؟ بىز ئۆز بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىمىز، خىراجەت قىلمايمىز. خەلقئارا ھەمكارلىق زېمىنىمىز ئاز بولسىمۇ، ئىلمىي مەھسۇلاتلىرىمىز ناھايىتى كۆپتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىسنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەرىف، دۆلىتىنىڭ ناھايىتى قىيىن جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، بىراق خەلققە بولغان ئىشەنچ سايىسىدا كېلەچەكتىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر