ھىندىستان بىلەن پاكىستان بىر - بىرلىرىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى

پاكىستان ئارمىيەسى، ھىندىستاننىڭ 2 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى، ھىندىستان تاراتقۇلىرىمۇ ئارمىيەنىڭ بىر پاكىستان ئۇرۇش ئايروپىلانىنى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

1153325
ھىندىستان بىلەن پاكىستان بىر - بىرلىرىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى، ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن ھىندىستاننىڭ 2 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى، پاكىستان كونتروللۇقىدىكى رايونغا چۈشكەن ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پاكىستان ئارمىيەسى باياناتچىسى مايور گېنېرال  ئاسىف غافۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ، پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن ھىندىستان ئايروپىلانلىرىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى، 2 ئايروپىلاننى ئاتقانلىقىنى ۋە بۇلاردىن بىرىنىڭ پاكىستان كونتروللۇقىدىكى رايونغا، يەنە بىرىنىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى رايونغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مايور گېنېرال  ئاسىف غافۇر، پاكىستان تەرەپكە چۈشكەن ئايروپىلاننىڭ بىر ئۇچقۇچىسىنىڭ پاكىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مۇھەممەد فەيسالمۇ رەسمىي تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كەشمىر كونترول لىنىيەسىدىكى ھەرىكىتىنىڭ مۇداپىئە مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «پۈتكۈل مەقسىتىمىز ئۆزىمىزنى مۇداپىئە قىلىش جەھەتتىكى قەتئىيلىكىمىز ۋە قابىلىيىتىمىزنى نامايان قىلىشتۇر. سۈركىلىشنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنى خالىمايمىز، بىراق بۇنداق بىر ئەھۋالغىمۇ تەييارمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ جەرياندا، بۇنىڭدىن ئىلگىرىلا پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 3 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە كەشمىر چېگراسىدىكى كونترول لىنىيەسىدىن ئۆتۈپ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى جاممۇ كەشمىر رايونىغا كىرگەنلىكى ۋە ھىندىستان ئايروپىلانلىرىنىڭ توراش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ھىندىستان تاراتقۇلىرىمۇ ئارمىيەنىڭ بىر پاكىستان ئۇرۇش ئايروپىلانىنى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئۆزئارا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشىدىن كېيىن كۆپلىگەن شەھەرلەردىكى ئايرودۇرۇملاردىكى نورمال ئاۋىياتسىيە قاتناشلىرىنى توختىتىپ قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر