ئامېرىكا سومالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافرىقا قوماندانلىقى سومالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 35 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1153037
ئامېرىكا سومالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافرىقا قوماندانلىق مەركىزى بايانات بېرىپ، ھىران رايونىغا قاراشلىق بەلەدۋەينە ناھىيەسىگە 37 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر رايوندا سومالى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېىلپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمدا ئەششەبابنىڭ 35 ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، «بۇ ھۇجۇم تاغلىق رايوندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەششەباب ئەزالىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلدى. بۇ ھۇجۇم رايوندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ئادەم جەلىپ قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا قارشى بېسىمىنى كۈچەيتىۋاتقان سومالى ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ بىر پارچىسىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافرىقا قىسىملىرى قوماندانى مايور گېنېرال گرېگ ئولسون، «بۇ ھۇجۇم ئارقىلىق ئەششەبابنىڭ كۈچ توپلاش ئۇرۇنۇشلىرىغا زەربە بەردۇق ۋە تېررورچىلار تەشكىللىنىپ بولۇشتىن ئىلگىرى شېرىكلىرىمىزگە ۋە سومالى خەلقىگە يەتكۈزگۈسى خەۋپلىرىنى بىر تەرەپ قىلدۇق» دېدى.

باياناتتا، ھۇجۇمدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ – ئۆلمىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر