ب د ت ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرىنى زوراۋانلىقتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس ۋېنېزۇئېلادا يۈز بېرىۋاتقان  ۋەقەلەردە  دائىرىلەرنى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر زوراۋانلىقتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى.

1152202
ب د ت ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرىنى زوراۋانلىقتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبات باشقارمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ ۋېنېزۇئېلادا بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان سۈركىلىشنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقى، ئالدىنقى كۈنى مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردە بىر قىسىم پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېس بارلىق تەرەپلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا، سۈركىلىشنى ئازايتىشقا ۋە ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرىدۇ.»

كولومبىيەنىڭ مېكسىكا چېگراسىغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەلقئارا تەرەققىيات ئورگىنى ئەۋەتكەن »«ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى» نىڭ، ئۆزىنى ۋېنېزۇئېلانىڭ مۇۋەققەت دۆلەت باشلىقى دەپ ئېلان قىلغان جۇئان گويدوغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى ۋە دۆلەتكە كىرگۈزۈلۈشى جەريانىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنىدى.

ئۆكتىچىلەرگە يېقىن مەنبەلەر، توقۇنۇشلاردا 4 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر