ۋېنېزۇئېلادا ئەسكەرلەر بىلەن خەلق ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ۋېنېزۇئېلانىڭ بېرازىلىيە چېگراسىدا يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

1151036
ۋېنېزۇئېلادا ئەسكەرلەر بىلەن خەلق ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى ئامېرىكو دە گىرازىيا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، گىران سابانا رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا يەرلىك بىر ئايالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆكتىچى گېزىتلاردىن «El Nacional» بولسا، توقۇنۇشتا ئاز دېگەندىمۇ 2 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 22 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«El Nacional» گېزىتى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تامارا سۇجۇنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، ۋېنېزۇئېلا ئەسكەرلىرى بېرازىليە چېگراسىغا كېتىۋاتقىنىدا ئۇلارنى توساش ئۈچۈن پېمون رايونىنىڭ يەرلىك خەلقلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان توساقلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ ئەسنادا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى يازدى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكىنىڭ ئىشغالىيەت ئىستىراتېگىيەسىنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىنىدىغان «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر» نىڭ ۋېنېزۇئېلاغا كىرىشىنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن بېرازىلىيە چېگراسىنى تاقاشنى بۇيرىغان ئىدى. 

ئۆكتىچىلەر بېرازىلىيەدىن باشقا يەنە كولومبىيەدىنمۇ ۋېنېزۇئېلاغا ياردەم ئەكىلىشكە تىرىشماقتا. بىراق ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسى بېرازىلىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلانى بىر بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان كۆۋرۈكنى يۈك ئاپتوموبىللىرى بىلەن تاقاپ قويغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر