ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ كىچىك بىر گۇرۇپپىسى سۈرىيەدە يەنە بىر مەزگىلگىچە تۇرىدۇ

ئامېرىكا تەخمىنەن 200 ئەسكىرىنىڭ سۈرىيەدە يەنە بىر مەزگىلگىچە تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1150349
ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ كىچىك بىر گۇرۇپپىسى سۈرىيەدە يەنە بىر مەزگىلگىچە تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى سارا ساندېرس تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش مۇساپىسى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئاقساراي باياناتچىسى سارا ساندېرس باياناتىدا: «تەخمىنەن 200 كىشىلىك تىنچلىقنى قوغداش قىسمى سۈرىيەدە بىر مەزگىلگىچە تۇرىدۇ» دېدى.

مەزكۇر مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلمىگەن باياناتنىڭ، ئەردوغان-ترامپ سۆھبىتىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئېلان قىلىنىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2018-يىل دېكابىر ئېيىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىش نۇقتىسىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ دۆلەتتىن چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر