پومپېيو خۇاۋېينىڭ تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن ھەر قانداق دۆلەت بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ تېخنولوگىيە شىركىتى خۇاۋېي (Huawei) نىڭ پائالىيەتلىرىگە رۇخسەت قىلغان ھەر قانداق دۆلەت بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

1150466
پومپېيو خۇاۋېينىڭ تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن ھەر قانداق دۆلەت بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو فوكس بىزنىس (Fox Bussines) قا بايانات بېرىپ، شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى زىيارىتىدە تىلغا ئالغان سىگناللىرىنى قايتا تەكرارلىدى. ئۇ ئامېرىكانىڭ خۇاۋېينىڭ تېخنىكىلرىنى ئىشلەتكەن ھەر قانداق دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق قىلمايدىغانلىقلىرىنى، ھەتتا ئۇچۇردا ئورتاقلاشمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا قىلغان «خۇاۋېيغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىش» چاقىرىقلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«مەن زىيارەت قىلغان دۆلەتلەردە خۇاۋېي تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشنىڭ، ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىلىرىنى قانداق خەتەرگە دۇچار قىلغانلىقىنى ۋە چەكلىمىلەرنىڭ ئۇلارنى قانداق قوغدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم. بىز ئامېرىكانىڭ ئۇچۇر-تېخنىكىلىرىنى خەتەرگە ئىتتىرمەيمىز.»

خۇاۋېينىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى مىڭ ۋەنجۇ 2018-يىل 1-دېكابىر ئامېرىكانىڭ تەلىپى بىلەن ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، كانادادا قولغا ئېلىنغان ۋە سوتنىڭ ھۆكمى بىلەن كاپالەتكە قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى باياناتىدا، خۇاۋېينى، پۇل يۇيۇش، پۇل يۆتكەپ قويمىچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

خۇاۋېي شىركىتى يەنە، ئامېرىكانىڭ «T-Mobile» يانفونلىرىنى سىناشتا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوماتىك سىستېمىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەنمۇ ئەيىبلەنگەن ئىدى.

ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر ۋە سودا چەكلىمىلىرى بىلەن خىتاي تېخنولوگىيە شىركىتى خۇاۋېي ئۈستىدىكى بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر