خىتايدا يۇقۇملۇق كېسەللېكلەر سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيگەن

يانۋار ئېيىدا خىتاي مىقياسىدا يۇقۇملۇق كېسەللېكلەر سەۋەبىدىن مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1149516
خىتايدا يۇقۇملۇق كېسەللېكلەر سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن ئاي (يانۋار) خىتايدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن 1901 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

مەملىكەتلىك سەھىيە كومىتېتى ئېلان قىلغان «2019-يىل يانۋار ئېيىدىكى مەملىكەت مىقياسىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئەھۋالى» ناملىق دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، يانۋار ئېيىدا خىتاي مىقياسىدا 1 مىليون 143 مىڭ 574 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان بولۇپ، 1901 كىشى بۇ كېسەللېكلەر سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئەيدىس (AIDS) سەۋەبىدىن 1423، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى سەۋەبىدىن 208، غالجىر كېسەللىكى سەۋەبىدىن 33 ۋە يۇقۇملۇق زۇكام سەۋەبىدىن 143 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان. بۇلاردىن باشقا ئىچ سۈرۈش، قاناش ۋە زەھەرلىنىش قاتارلىق كېسەللېكلەرمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.

دوكلاتتا، يۇقۇملۇق كېسەللېكلەرنىڭ ئەڭ كۆپ قايسى رايون ياكى شەھەرلەردە بايقالغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر