مىسىردىكى ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر سانى 3 كە يەتتى

مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى ئەلئەزھەر جامەسىگە يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3 كە يەتتى.

1149133
مىسىردىكى ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر سانى 3 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىغا قارىغاندا، ھۇجۇمدا يارىلانغان دۆلەت خەۋپسىزلىك تارمىقىنىڭ ساقچى مۇدىرى رامى ئەھمەد ھىلالمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

قاھىرەدىكى ئەلئەزھەر جامەسىگە يېقىن يەردىكى دەرب ئەلئەھمەر رايونىدا ئالدىنقى كۈنى كېچە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئىككى ساقچى جېنىدىن ئايرىلغان، ئىككىسى يارىلانغانىدى.

مىسىر تاراتقۇلىرى، پارتلاش ئەسناسىدا ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئايالنىڭمۇ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر