مىسىردا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئىككى خەۋپسىزلىك خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى، يەنە ئىككىسى يارىلاندى.

1148278
مىسىردا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 15 – فېۋرالدا جىزەدە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش دائىرىسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن تەقىب قىلىنىۋاتقان بىر كىشىنىڭ ئەلئەزھەر جامەسىگە يېقىن جايدا بەدىنىگە تېڭىۋالغان پارتلاتقۇچنى پارتلاتقانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئىككى خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يەنە ئىككىسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاھىرەنىڭ جىزە رايونىدا جۈمە كۈنى پارتلاش يۈز بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر