يەمەن ھۇسىيلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

يەمەننىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە ھۇسىيلار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد ئەل يەمانىنىڭ ۋاراشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن كونفېرانستا، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئىسىرائىلىيە بىلەن نورماللىشىش» قا قارشى چىقتى.

1147135
يەمەن ھۇسىيلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەل يەمانىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدا پولشا پايتەختى ۋاراشاۋادا ئېچىلغان «ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ كېلەچىكىنى قوللاش» ناملىق كونفېرانستا، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلىقىغا، مىڭلارچە ھۇسىي كوچىلارغا چىقىپ نارازىلىق بىلدۈردى.

سانائا، ھۇدەيدە، زېمار ۋە سادا قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىسىرائىلىيە بىلەن نورماللىشىش» قا قارشى تۇرۇش نامايىشلىرىدا، يەمانىنىڭ نېتانياھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلىقى قاتتىق ئەيىبلەندى ۋە ئىسىرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشقا قارشى شوئارلار توۋلاندى. نامايىشچىلار يەنە، پەلەستىن دەۋاسىغا ساداقەتنى بىلدۈرىدىغان ۋە ئىسىرائىلىيەگە قارشى تۇرىدىغان شوئارلارنىمۇ توۋلىدى.

نېتانياھۇ يىغىندا سۆز قىلىۋاتقاندا مىكروفونى بۇزۇلۇپ قالغاندا، يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد ئەل يەمانىنىڭ ئۆز مىكروفونىنى بېرىپ تۇرۇشى ۋە بۇنىڭ بىلەن نېتانياھۇنىڭ يەمانىغا چاقچاق قىلىپ، «بۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ تۇنجى قەدىمى» دېيىشى، يەمەنلىكلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر