پاكىستان يېڭى دېھلى باش ئەلچىسىنى چاقىردى

پاكىستان ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى  سوھەيل مەھمۇدنى كېڭىشىش ئۈچۈن دۆلەتكە چاقىردى.

1147726
پاكىستان يېڭى دېھلى باش ئەلچىسىنى چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مۇھەممەد فەيسەل، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پاكىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى  سوھەيل مەھمۇدنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن ھىندىستاندىن ئايرىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ھىندىستاندىكى  باش ئەلچىمىزنى كېڭىشىش ئۈچۈن چاقىردۇق، باش ئەلچى بۈگۈن ئەتىگەن ھىندىستاندىن ئايرىلدى.»

پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش 14 – فېۋرال كۈنى كەشمىردە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەنىدى.

ھىندىستاننىڭ كونتىروللۇقىدىكى كەشمىردە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 44 ھىندىستان ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ھىندىستان تەرەپ ھۇجۇملارنى پاكىستان تەرەپنىڭ قوللاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

پاكىستان بولسا بۇنى رەت قىلغان ۋە ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان  قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر