جاممۇ كەشمىردە ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جاممۇ كەشىمىردە ھىندىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن مۇستەقىللىق تەرەپدارى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 4 ئەسكەر ئۆلدى.
![جاممۇ كەشمىردە ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9344/d1f8/2fdf/5bc711ee264c4.jpg?time=1719161063)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ساقچى تارماقلىرى بايانات بېرىپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ بۈگۈن سەھەردە كەشمىرنىڭ پايتەختى سرىناگارنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان پالۋاما رايونىغا قوراللىق كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغانلىقى توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئېلىپ، زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، يېزىدا ئېلىپ بېرىلغان چارلاش ھەرىكىتى ئەسناسىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئوققا تۇتۇلۇشىدىن كېيىن توقۇنۇش چىققانلىقى، ۋەقەدە بىرى مىڭبېشى بولۇپ جەمئىي 4 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى، بىر ئەسكەر بىلەن بىر پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.
بالنىستقا ئېلىنغان يارىدارلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، يېزىدىكى قوراللىق توقۇنۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى، بىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ چارلاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
جاممۇ كەشمىردە پەيشەنبە كۈنى بىر ھەربىي ئاپتوموبىل ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 40 تىن ئارتۇق ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغانىدى.
ھىندىستان ھۆكۈمىتى، رايوندا ھازىرغىچە ھىندىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قىلىنغان ئەڭ قانلىق ھۇجۇم، دەپ قارىلىۋاتقان مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن بايانات بېرىپ، قوشنىسى پاكىستان ئەيىبلىگەن ۋە ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719161063)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.