دونالد ترامپ تۈركىيەگە تەيىنلىمەكچى بولغان باش ئەلچى نامزاتىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە مەسلىھەتچى داۋىد ساتتېرفېلدنى تەيىنلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1146411
دونالد ترامپ تۈركىيەگە تەيىنلىمەكچى بولغان باش ئەلچى نامزاتىنى ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق سارايدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ترامپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىلىرىدىن داۋىد مىچەل ساتتېرفېلدنى تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەشنى خالايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

داۋىد مىچەل ساتتېرفېلد ھازىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا يېقىن شەرق مۇناسىۋەتلىرى مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىسى بولالىشىشى ئۈچۈن پالاتادا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاۋاز بېرىشنى كۈتىشى لازىم.

تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن داۋىد مىچەل ساتتېرفېلد ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئەڭ پىشقەدەم دىپلوماتلارنىڭ بىرسى سۈپىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئۇ 1954 - يىلى تۇغۇلغان ۋە 1980يىلىدىن بېرى بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتە ئوخشاش بولمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئىدى.

ھازىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا يېقىن شەرق مۇناسىۋەتلىرى مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان داۋىد مىچەل ساتتېرفېلد، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئاستانا مۇزاكىرە باسقۇچىغىمۇ ئامېرىكىنىڭ كۆزەتكۈچىسى سۈپىتىدە قاتناشقان ئىدى.

ساتتېرفېلد سابىق پىرېزىدېنت ئوباما دەۋرىدە سىنا يېرىم ئارىلىدا تىنچلىقنى ساقلاش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقات كۆپ دۆلەت قىسىملىرى ۋە كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ باش دىرىكتورى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى. ئۇ ئوباما دەۋرىدە يەنە 2013يىلىدىن 2014يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مىسىردىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق مەسلىھەتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىدى.

گېئورگى دابلىيو بۇش دەۋرىدە بولسا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولېزا رايسنىڭ ئىراققا مەسئۇل پىشقەدەم مەسلىھەتچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەندىن باشقا سۈرىيە، تۇنىس، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن ئىدى.

داۋىد مىچەل ساتتېرفېلدنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىشى ئۈچۈن ئامېرىكا پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز بېرىشتە ئۇتۇققا ئېرەلىشى لازىم.

2017يىلىدا دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى ۋەزىپە باشلىغاندىن كېيىن، تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون باسنى ئافغانىستانغا باش ئەلچى قىلىپ تەيىنلىگەن بولۇپ، جون باستىن كېيىن تۈركىيەگە تېخىچە باش ئەلچى تەيىنلەنمىگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر