دونالد ترامپ شىنزو ئابى تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابىنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن دىپلوماتىك دىيالوگ باشلاشتىكى رولى سەۋەبىدىن ئۆزىنى (ترامپنى) نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1146577
دونالد ترامپ شىنزو ئابى تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاق سارايدا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلش يىغىنىدا، فېۋرالدا شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ۋېيىتنامدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئۇچرىشىشى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابىنىڭ ياپونىيە نامىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئۈچۈن ئۆزىنى (ترامپنى) نامزات كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلاتتى. 

ترامپ شىنزو ئابىنىڭ نورۋېگىيەدىكى نوبېل كومىتېتىغا يوللىغان تەكلىپ خېتىنىڭ بىر نۇسقىسىنى ئۆزىگە يوللىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، شىنزو ئابىنىڭ: «مەن سىزنى ياپونىيە نامىدىن نامزات كۆرسىتىمەن، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ سىزگە بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپتە بولىمەن» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوبامانىڭ 2009يىلى پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان تۇنجى يىلىلا بۇ مۇكاپاتنى ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «مەن بەلكىم ھەزگىز ئېرىشەلمەسلىكىم مۇمكىن، يەنىلا مەيلى. ئوباماغا بېرىشتى. بىراق نېمە ئۈچۈن بېرىشكەنلىكلىرىنى ئۇ مۇ چۈشۈنەلمەي قالدى. مۇكاپاتنى بەرگەن چېغىدا پىرېزىدېنتلىق ۋەەزىپىسىگە ئولتۇرغىنىغا تېخى ئەمدى 15 دەقىقە بولغان چاغ ئىدى. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. "بۇنىڭغا ھەقلىق بولغۇدەك نېمە ئىش قىلغاندىمەن؟" دەپ قالدى. مەن بولسام، بەلكىم ھېچقاچان ئېرىشەلمەسلىكىم مۇمكىن» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ياپونىيە دائىرىلىرى دونالد ترامپنىڭ ياپونىيە نامىدىن نامزات كۆرسىتىلگەن ياكى كۆرسىتىلمىگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق گەپ قىلمىدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ترامپنىڭ باياناتىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، بىراق شىنزو ئابى بىلەن ترامپ ئوتتۇرىسىدا بولۇنغان سۆزلەرنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر